
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى بلوگى بىر يىلدىن بۇيان تىرىشىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. بۇ جەرياندا بىزنى قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقان تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمتىمىزنى بىلدۈرىمىز.بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ASP سىستىمىلارنىڭ ئاسان چاتاق چىقىپ مۇقىم بولماسلىقى، ساندان چوڭىيىپ كەتكەندىن كىيىن سۈرەت ئاستىلاپ تورداشلارغا ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەم ئىلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئايلىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەنPHPلىق بلوگ سۇپىسى Wordpress نىڭ كۆپ ئەزالىق ھەم يەككە ئەزالىق نۇسخسىنى ئۇيغۇرلار تور دۇنياسىدا تۇنجى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، بىكىتىمىزدە رەسمىي ئىشلىتىشنى باشلىدۇق.بۇ سىىستىما ئىلگىركى سىستىما بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھەم ئۆزگىچىلىككە، ھەم مەلۇم مۇرەككەپلىككە ئىگە بولغاچقا، بىز داۋاملىق تورداشلارنى يىتەكلەپ، سۈرەتلىك ياردەم دەرىسلىكلىرى بىلەن تەمىن ئىتىمىز. نۆۋەتتە 50 خىلغا يىقىن ئۇسلۇپنى ئۇيغۇرچىدا نورمال ئىشلىتىشكە، نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، ئۇسلۇپلار ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ ، تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن، گۈزەللىك قارىشى ۋە ئىھتىياجىدىن پۈتۈنلەي چىقالايدۇ. باشقۇرۇش سۇپىسى، بىر پۈتۈن مەشخۇلات جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە.مەزكۇر سىستىمىمىز تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:1. تورداشلار ئىلگىركىدەك قىينىلىپ ئۇسلۇپ تەھىرىرلەپ ، رەسىم، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچ، فىلىم قوشۇپ ئولتۇرغىلى سالمايدۇ. سىستىمىنىڭ قوشۇش ئورنىدىن كودنى قوشۇپ قويسىلا كۇپايە.2. AJAXدا بىر تەرەپ قىلىنغان باش بەت كۆرىنىشىلىرىنى تاللىغۇچ بىلەن يازمىلار رېتى، باھا رېتى، سەھىپىلەر رېتى…….قويغۇچ، ئىلان، خالىغان مەزمۇن قاتارلىق سەھىپەرنى ئۈستى ئاستى يۆنىلىشتە خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدۇ، تورداشلارنىڭ كود بىلىشى ھاجەتسىز.3. ئۆز مەھەللىسىگە ئىنتايىن قولايلىق ھالدا گوگول قاتارلىقلارنىڭ ئىلانىن قويۇشقا بولىدۇ. قوشۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، HTML كود قوشۇش ئورنىغا ئىلان كودىنى قوشۇپلا قويسا، تارتىپ ئەكىلىپ نەدە كۆرىنىدىغانلىقى بەلگىلەپ قويسىلا بولىدۇ.4. قىستۇرما ئىقتىدارى تورداشلارنىڭ مەھەللىسدە تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلىغان. بىز ياخشى دەپ قارىغان قىستۇرمىلارنى چىقىرىپ قويىمىز. ئىھتياجى بارلار قىستۇرما سەھىپىسىدىن ياقتۇرغان قىستۇرمىلارنى قوزغىتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.5. قىسقارتىلغان تور نامى. بىكىتىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشى، تور نامى ئىشلىتىش ئىھتىياجىنىڭ چوڭ بولۇشى تۈپەيلى، ئالدىن ئايدىن باشلاپ ئەسلىدىكى بلوگ سىستىمىسىدا ئەزالارنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىق تور نامى بىكار قىلىنغان. بۇ سىستىمىدا بىكەت تور نامىنىڭ كەينىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يازسىلا ئۆز مەھەللىسىنى زىيارەت قىلالايدۇ.6. ئارقا سەھنىمۇ پۈتۈنلەي سىزگە مەنسۇپ! ئەزالارنىڭ ئارقا سەھنىسى بىلەن بىكەت باشلىقىنىڭ ئارقا سەھنىسىمۇ تامامەن ئوخشاش. سىزمۇ بىكەتتە ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە.7. بىخەتەر، ئىشەنچىلىك، مۇقىم، چىرايلىق، ھەممىزگە يارايدۇ!
没有评论:
发表评论