ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،" ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى تور تۇرا"سىغا خۇش كەپسىز

ئىرپان ۋە ئۇيغۇر لۇغەتچىلىگى

دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. تەرەققىياتنىڭ ھەربىر قەدىمى بىزنى تېخىمۇ ئېغىر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا پاتۇرماقتا. بىز ئۆگىنىشكە، چۈشىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپەيمەكتە...كۆپ تىل بىلىش بولسا بىلىم ئېلىش، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۆزگىلەردىن ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلانماقتا.بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق تەقدىرى ئۇنىڭ باشقا مىللەت مەدەنىيىتى بىلەن قانچىلىك سەۋىيىدە دىئالوگلىشالايدىغانلىقىغا باغلىق. دىئالوگ تىلدىن باشلىنىدۇ. چۈشىنىش تىلنى ۋاستە قىلىدۇ. بىلىش- بىلدۈرۈش تىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قانچىكى كۆپ تىل بىلىدىغانلار باشقىلارنىمۇ شۇنچە ياخشى چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنىمۇ باشقىلارغا شۇنچە قايىل قىلارلىق تۈستە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. تەرەققىيات بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي يۆتكەپ - سېتىش، باققالچىلىق ئەندىزىسىدىكى سودا- تىجارەت ئۇسۇلىمىزغا، مەكتەپ ئىچىدىلا چەكلىنىپ كەلگەن تەربىيىلىنىش ئادىتىمىزگە، بېكىنىپ ياشاشقا كۆنۈككەن تۇرمۇش شەكلىمىزگە سوئال قويماقتا. بىز تەرەققىيات، يۈكسىلىش ئىستىمەكتىمىز؛ زامانغا خاس سۈپەت- ساپاغا ئىگە مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز. بۇ ھال بىزنى تەبئىي ھالدا تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن كۆۋرۈككە موھتاج قىلدى. ئالاقىدىكى تىلسىزلىق تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز تونۇپ يەتتۇق. تىلى بار تىلسىزلاردىن بوپقالماسلىق سەگەك ئاڭغا ئىگە ھەربىر كىشىنىڭ ئەندىشىسىگە ئايلاندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشنى مەقسەت قىلغان زامانىۋىي تىل ئۆگىنىش قورالى «ئىرپان» دەل مۇشۇ توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزدە بىزگە قابىل ھەمراھتۇر «ئىرپان» دۇنياغا ئوچۇق كۆز بىلەن نەزەر سېلىشنى ئىستىگۈچىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى.سىزنىڭ ئانا تىلنى قەدىرلەپ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىنگلىز تىلى،رۇس تىلى قاتارلىق تىللارنى پىششىق ئىگىلەپ دۇنياغا يۈزلەنگەن سەرخىللاردىن بولۇپ چىقشىڭىز ئىرپانلىقلارنىڭ ئورتاق ئۈمىدى. .

没有评论: