ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،" ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى تور تۇرا"سىغا خۇش كەپسىز

ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى ۋە ماھىرجان تاھىر

سىمبىيانغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزكۈچ ئىشلەش پىلانىنى ئويلاشقىنىمىزغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرى تۈپەيلى كۆپ ۋاقىت چىقىرالماي كەلگەن ئىدىم . خىزمەتدىشىم ئابدۇللا ئەپەندىم (پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ فىزىكا خىمىيە تەتقىقات ئىدارىسىدىن) ئارلىقتا بىرنى يېزىپ چىقتى . توردا تارقىتىپ ئېلان قىلىش ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ئىدى . بىزدە بىر كىرگۈزكچنىمۇ ئىشلىيەلمەيدىغان ئادەم يوق ئەمەس . يات مىللەتتىكى پروگراممېرلارنى ئىشلىتىپ ئۆزمىللىتىمىزنىڭ كىرگۈزكۈچىسىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بۇ چاقىرىق ماڭا خېلى ئېغىر كەلدى . مەن تا ھازىرغا قەدەر بىزدە يانفوندىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزكۈچكە نىسبەتەن چوڭ ئېھتىياج يوق دەپلا بىلەتتىم . بۇدەرىجىدە ئېھتىياجنىڭ بارلىقىنى ئەمدى بىلىشىم . ئاللاھ بۇيرىسا مەن بىر ھەپتە ئىچىدە سىمبىياندىكى تەلەپكە لايىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزكۈچنىڭ خەۋىرىنى بېرىمەن .
ئىئانە توپلاپ خەنزۇ پروگراممېرلارغا يازدۇرۇش يازدۇرماسلىق مەسىلىسىگە شەخسىي ھېسىياتىم بويىچە قاتتىق قارشى تۇرىمەن ! مەزكۇر كەسىپتە ماڭغان پروگراممېر بولۇش سۈپىتىم قېرىنداشلارنى ياتلارغا خار قىلغۇزغىنىم ئۈچۈن چەكسىز خىجىلمەن ۋە سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن !
http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=8672
ھۆرمەت بىلەن ماھىرجان تاھىر
2009 - يىل 6 - ئاي 18 – كۈنى

没有评论: