تىلنى بىلمەي تۇرۇپ،ئېلىنى بىلىمەن دېيىش،تىلنى سۆيمەي تۇرۇپ،ئېلىنى سۆيىشنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىلنىڭ ھاياتى-ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدە:ھەر قانداق مىللىي تىلنىڭ ئېغىزدىن قېلىشى،بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋە ئاتىلار ئاغزىدىن قېلىشى؛ئوقۇتقۇچىلىق ۋە يېزىقچىلىقتىن قېلىشى-ئۇنىڭ ئەجىلىدىن ئىبارەت.ھەر قانداق بىر جانلىق شەيئىگە ئوخشاش،ھەركەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىل-مىللەت تارىخىنىڭ تېغى،مىللى مەدەنىيەتنىڭ راۋان دەرياسى،مىللى تۇرمۇشنى تىنىقى ۋە يىمىرىلمەس سېپىلى.
ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى
ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
没有评论:
发表评论