ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،" ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى تور تۇرا"سىغا خۇش كەپسىز

"ئۇيغۇر" بولغانغا پۇشايمان

*****
،مەن ئويلايتتىم ئەسلىدە مەن ئەجەپ بىر بەخىتلىك
،دۇچ كەلگەندە دۇنيانىڭ سىنىقىغا ئەجەللىك
،ئۇخلاپ ياتتىڭ ئۇيغۇرۇم ھالىڭ بەكمۇ خەتەرلىك
.شۇنداق چۈشكۈن مىللەت بوپ تۇغۇلغانغا پۇشايمان
*****
،ئۇشبۇ قارا قولۇمنى سەبىيلەردىن باشلايمەن
.ئانا يېزىق بىلمىگەن بايقۇش قىلىپ تاشلايمەن
*****
،غايىپ قىلىپ قەدىرلىك جاندەك ئانا تىلىڭنى
،زەھەر بىلەن مەست قىلىپ غورورى يوق دىلىڭنى
.غورورىدىن ئايرىلغان مىللىتىمگە پۇشايمان
*****
،ئويغۇنارسەن بىر كۈنى چۈشلىرىڭدىن ئىھتىمال
.ئويغانساڭمۇ يوللاردا يۈرەلمەيسەن بىمالال
،خاراپلاشقان مىللەتتىن ئۈمۈد يوقتۇر بىلىۋال
،ئايرىلغاندا ھەممىدىن بارمۇ-يوقمۇ بىزدە ھال

没有评论: